26 سىلەر ئالتە كۈن ئىچىدە يېمەكلىك يىغىۋالىسىلەر، يەتتىنچى كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ھېچ نەرسە تاپالمايسىلەر، _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە: - ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، - دېدى.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ھەپتىنىڭ ئالتە ئىش كۈنىدە تاقاق تۇرسۇن، پەقەت دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ئوچۇق تۇرسۇن.
ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى قىلىۋېلىڭلار.
مۇسا ئۇلارغا: _ بۈگۈن مۇشۇ يېمەكلىكلەرنى يەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە سىلەر يەردىن ھېچقانداق يېمەكلىك تاپالمايسىلەر.
يەتتىنچى كۈنى بەزىلەر يەنىلا يېمەكلىك يىغقىلى چىققانىدى، لېكىن ئۇلار ھېچ نەرسە تاپالمىدى.