25 مۇسا ئۇلارغا: _ بۈگۈن مۇشۇ يېمەكلىكلەرنى يەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە سىلەر يەردىن ھېچقانداق يېمەكلىك تاپالمايسىلەر.
مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار: «ئەتە تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۈندۇر. بۈگۈن يېمەكلىكىڭلارنى ئوتقا قاقلاپ، سۇدا قاينىتىپ، خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار، ئېشىپ قالغىن ىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.
سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭگە بېغىشلانغان دەم ئېلىش كۈنىنى بىلدۈردۈڭ ھەمدە خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئېلان قىلدىڭ.
ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەن سىلەرگە دەم ئېلىش كۈنىنى ئاتا قىلدىم. شۇڭا سىلەرگە ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك يېمەكلىك بەردىم. يەتتىنچى كۈنى ھەممە ئادەم ئۆيىدە ئولتۇرسۇن، سىرتقا چىقمىسۇن، _ دېدى.
ئۇلار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىككىنچى كۈنىگە قالدۇردى، لېكىن يېمەكلىكلەر قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى، سېسىپمۇ قالمىدى.
سىلەر ئالتە كۈن ئىچىدە يېمەكلىك يىغىۋالىسىلەر، يەتتىنچى كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ھېچ نەرسە تاپالمايسىلەر، _ دېدى.