Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 16:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار: «ئەتە تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۈندۇر. بۈگۈن يېمەكلىكىڭلارنى ئوتقا قاقلاپ، سۇدا قاينىتىپ، خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار، ئېشىپ قالغىن ىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 16:23
16 Referans Kwoze  

ئالتە كۈن ئىش كۈنى، يەتتىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىش كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەيلى سىلەر قەيەردە ياشىماڭلار، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە تولۇق دەم ئېلىڭلار.


ئالتە كۈن ئىش كۈنىدۇر، لېكىن يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى ئىش قىلغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.


ئاندىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، جەسەتكە چاچىدىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار بىلەن ئەتىرلەرنى تەييارلىدى. دەم ئېلىش كۈنى، خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار دەم ئېلىشتى.


ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىڭلار. ئۆكۈز، ئېشەك، قۇل ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن.


رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


ھەر كۈنى سەھەردە شەبنەم چۈشكەندە ئۇمۇ چۈشەتتى. ئەتىگەنلىكى، ھەممەيلەن ماننا تېرىپ كېلىپ، يارغۇنچاق ياكى ھاۋانچا ئارقىلىق ئۇن قىلىپ، ئۇنى قازان قاتلىمىسى قىلىپ يەيتتى. ئۇنىڭ تەمى زەيتۇن يېغى بىلەن پىشۇرۇلغان قاتلىمىغا ئوخشايتتى.)


مۇسا ئۇلارغا: _ يېمەكلىكنى ئىككىنچى كۈنىگە ئاشۇرۇپ قويۇشقا رۇخسەت يوق، _ دېدى.


مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغاندەك، دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.


سەن سىناي تېغىغا چۈشتۈڭ، ئەرشتىن خەلقىڭگە سۆز قىلدىڭ ۋە ئۇلارغا ئادىل تۈزۈم، ھەق قانۇن ۋە لىللا ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈردۈڭ.


سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭگە بېغىشلانغان دەم ئېلىش كۈنىنى بىلدۈردۈڭ ھەمدە خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئېلان قىلدىڭ.


دەم ئېلىش كۈنىدە ئۆيۈڭلاردىن يۈك كۆتۈرۈپ چىقماڭلار! ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار! ئەجدادلىرىڭلارغا ئەمر قىلغىنىمدەك، دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.


(ماننانىڭ شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش بولۇپ، سارغۇچ رەڭدە ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite