21 ھەممە ئادەم ھەر كۈنى سەھەردە چىقىپ، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق يېمەكلىك يىغىۋالدى. چۈنكى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا، يېمەكلىك ئېرىپ كېتەتتى.
چۈنكى، خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ساڭا قۇلاق سالىمەن، قۇتقۇزۇلۇش كۈنىدە ساڭا شاپائەت قىلىمەن.» سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ «ۋاقىت-سائىتى» دېگىنى ھازىردۇر، خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش كۈنى بۈگۈندۇر.
- نۇرنىڭ ئاراڭلاردا چاقنايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەستۇر. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا داۋاملىق مېڭىڭلار. قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.
ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە.
قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.
لېكىن بەزىلەر مۇسانىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ئەتىسى ئەتىگەنگە بىرئاز ئاشۇرۇپ قويدى. بىراق ئاشۇرۇپ قويۇلغان يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى قۇرۇتلاپ سېسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولدى.
ئالتىنچى كۈنى، ئۇلار بىر ھەسسە ئارتۇق، يەنى ھەر كىشى تۆت قاچىدىن يېمەكلىك يىغىۋالدى. خەلق ئىچىدىكى يېتەكچىلەر بۇ ئىشنى مۇساغا مەلۇم قىلدى.