Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 16:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 لېكىن بەزىلەر مۇسانىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ئەتىسى ئەتىگەنگە بىرئاز ئاشۇرۇپ قويدى. بىراق ئاشۇرۇپ قويۇلغان يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى قۇرۇتلاپ سېسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 16:20
13 Referans Kwoze  

ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»


ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.


مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان ھازىرلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئوغرى ئالمايدىغان، كۈيە يېمەيدىغان جاي - ئەرشتە خەزىنە توپلىغان بولىسىلەر.


كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى


بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا خاپا بولۇپ، شاگىرتلىرىغا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر.


ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.


- يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار. چۈنكى، بۇ يەردە يا كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ، يا داتلىشىپ تۈگەيدۇ ياكى ئوغرى ئوغرىلاپ كېتىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: _ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىغىن. مەن ئۇلارنىڭ بىر تۇياق ئېشىكىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم ياكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزمىدىم، _ دېدى.


(مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.)


مۇسا ئۇلارغا: _ يېمەكلىكنى ئىككىنچى كۈنىگە ئاشۇرۇپ قويۇشقا رۇخسەت يوق، _ دېدى.


ھەممە ئادەم ھەر كۈنى سەھەردە چىقىپ، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق يېمەكلىك يىغىۋالدى. چۈنكى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا، يېمەكلىك ئېرىپ كېتەتتى.


ئۇلار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىككىنچى كۈنىگە قالدۇردى، لېكىن يېمەكلىكلەر قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى، سېسىپمۇ قالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite