18 كۆپرەك يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ يەتمەي قالمىدى. ھەممەيلەننىڭ يىغىۋالغىنى ئۆز ئېھتىياجىغا دەلمۇدەل بولدى.
ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. بەزىلەر كۆپرەك يىغىۋالدى، بەزىلەر ئازراق يىغىۋالدى.
ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان زېمىنلىرىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. ئادەملىرى كۆپ قەبىلىلەر كۆپرەك، ئادەملىرى ئاز قەبىلىلەر ئازراق بەرسۇن. ھەربىر قەبىلە لاۋىيلارغا قانچىدىن شەھەر بېرىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلەنسۇن.»