15 ئىسرائىللار بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشەلمەي، بىر-بىرىدىن: _ بۇ نېمىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان يېمەكلىكىدۇر.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مەن ئاسماندىن يېمەكلىك ياغدۇرىمەن. ئىسرائىللار ھەر كۈنى چىقىپ، شۇ كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن. مەن ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى مۇشۇ ئارقىلىق سىنايمەن.
مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن «نان»~دۇر. ئەجدادلىرىڭلار «ماننا» دەپ ئاتالغان ناننى يېگەن بولسىمۇ، ئۆلدى، بىراق بۇ ناننى يېگەنلەر بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!
ئىسرائىللار بۇ يېمەكلىكنى «ماننا» دەپ ئاتىدى. ماننا ئاق رەڭلىك بولۇپ، شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا، تەمى ھەسەل قوشۇلغان نانغا ئوخشايتتى.
ئاچ قويۇپ قىيىنچىلىق سالدى، ئاندىن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار كۆرۈپ باقمىغان ماننانى رىزىق قىلىپ بەردى. ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا ئاتا قىلغان ئوخشاش بىر يېمەكلىكنى يېگەن ۋە «روھىي تاش»~تىن چىققان ئوخشاش بىر سۇنى ئىچكەن. ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بۇ «روھىي تاش» دەل ئەيسا مەسىھ ئىدى.
سەن ئۇلارغا تەلىم بېرىش ئۈچۈن ياخشى روھىڭنى ئاتا قىلدىڭ. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ماننانى ئۈزمىدىڭ ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا سۇ بەردىڭ.
ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ.
ئىسرائىل خەلقى شۇ زېمىننىڭ ئاشلىقلىرىنى يېگەن كۈندىن باشلاپ، ماننا چۈشۈرۈلۈشتىن توختىدى. شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇلار ماننانى ئەمەس، كەنئاندىن چىقىدىغان ئاشلىقنى يەيدىغان بولدى.
گەرچە ئەجدادلىرىڭلار چۆللەردە ماننا يېگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆلدى.
چۆللۈكتە ئەجدادلىرىڭلار ئەزەلدىن يەپ باقمىغان ماننانى يېگۈزدى. سىلەرنى ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدى.
خۇدا ۋە مۇسادىن ئاغرىنىشقا باشلىدى: _ سەن نېمىشقا بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ چۆلدە ئۆلۈمگە باشلايسەن؟ بۇ جايدا يا نان يوق، يا سۇ يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ ناچار ماننادىن تويۇپ كەتتۇق! _ دېدى.
ۋە ھارۇنغا: _ بىر كومزەككە ئىككى قاچا كەلگۈدەك ماننا ئېلىپ، ئۇنى ئەۋلادلىرىمىزغا ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويۇپ قويغىن، _ دېدى.
مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.»
ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.
بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ.
«ئەتكەن غىزايىمغا ئېغىز تېگىڭلار، تەييارلىغان شارابىمنى ئىچىڭلار.
يېمەكلىكى ئۈچۈن كۆكتىن ياغدۇردى ماننا، دېمەك، ئەرش يېمەكلىكىنى بەردى ئۇلارغا.
ئۇلار خۇدادىن تىلىگەنىدى، بۆدۈنە ئاتا قىلدى، توقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسماندىن نان چۈشۈردى.