10 ھارۇن پۈتۈن خەلققە گەپ قىلىۋاتقاندا، ئۇلار چۆللۈكتە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پارلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسىلەر. سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگۈدەك بىز كىم ئىدۇق؟
خەلق مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىغىلىۋاتقاندا، ئۇلار بىردىنلا ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇتنىڭ ئورىۋالغانلىقىنى كۆرۈشتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى نامايان بولغانىدى.
كوراھ بارلىق جامائەتنى يىغىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن جامائەتكە زاھىر بولدى.
مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى سىلەرگە زاھىر بولىدۇ، _ دېدى.
پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئەمما يىغىلغان پۈتۈن جامائەت: «ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلايلى» دېيىشتى. شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نامايان بولدى.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى تاغقا چۈشتى. ئالتە كۈنگىچە تاغنى بۇلۇت قاپلاپ تۇردى. يەتتىنىچى كۈنى پەرۋەردىگار بۇلۇت ئارىسىدىن مۇسانى چاقىردى.
مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىردى. ئاندىن چىقىپ خەلققە يەنە بەخت تىلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن خەلققە زاھىر بولدى.