Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 15:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن، دەپ جار سالدى دۈشمەن. دېدى ئۇلار: ‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچ بىلەن ئالىمەن دەردىمنى›.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 15:9
15 Referans Kwoze  

‹ئۇلار جەزمەن بۆلۈشىۋاتىدۇ ئولجا ھەم غەنىيمەتلەر، تەگدى ئەلۋەتتە ھەربىرىگە بىرنەچچىدىن قىزلار، ئالغاچ كەلگەي سىسىرا ئۆزىگە رەڭدار كىيىملەر، ھەم ماڭىمۇ بوينۇمغا سېلىشقا چىرايلىق ياغلىقلار.›


پىرئەۋن «ئىسرائىللار قېچىپ كەتتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە قارارىنى ئۆزگەرتىپ: _ بىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەخمەقلىق قىلدۇق؟ ئىسرائىللارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويۇپ، نۇرغۇن قۇلدىن مەھرۇم قاپتۇق! _ دېيىشتى.


لېكىن، ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىپ، ئۆز ئادەملىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ.


مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن، ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.»


يوقاتتىڭ ئۆز قورالى بىلەن دۈشمەننىڭ سەركەردىسىنى. بوراندەك ئاتلانغانىدى تارقىتىۋېتىشكە ئۇلار بىزنى، كۆرەڭلىگەن بىزنى ئاسان قولغا كېلىدىغان ئولجا دەپ.


بىنيامىن گويا يىرتقۇچ بۆرىدۇر، ئۇ ئەتىگىنى تۇتقىنىنى يالماپ يۇتار، كېچىسى ئولجىلارنى بۆلۈشەر.»


قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»


بەنھاداد ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىغاي، _ دېدى.


ئىزەبەل ئىلياسقا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەتە مۇشۇ چاغدا سېنىڭ جېنىڭنى سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىنى ئالغاندەك ئالمايدىغان بولسام، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىسۇن!» دېدى.


داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


قوغلاپ يۈرۈپ ھالاك قىلدىم دۈشمەنلىرىمنى، قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.


تەكەببۇرلار بىلەن ھارام ئولجا بۆلۈشكەندىن كۆرە، ياشاش ئەۋزەلدۇر كەمتەر بولۇپ ئېزىلگەنلەر بىلەن بىللە.


ئاندىن يۇرتقا يېتىپ بارغاندا، ئۇلار: ‹مىسىر پادىشاھى ئاغزىدىلا گېپى بار ئادەم ئىكەن، ئۇ پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى!› دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite