Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 15:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 چوڭقۇر دېڭىز يۇتتى ئۇلارنى، ئۇلار تاشتەك چۆكتى دېڭىزغا.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 15:5
12 Referans Kwoze  

سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دېڭىزدىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى خۇددى تاشنى سۇغا غەرق قىلغاندەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ.


بىراق سەن بوران بىلەن غەرق قىلدىڭ ئۇلارنى دېڭىزغا. ئۇلار گويا قوغۇشۇندەك چۆكتى سۇنىڭ تېگىگە.


دېڭىز سۈيى ئەسلىگە قايتىپ، ئىسرائىللارنى قوغلىغان پۈتۈن جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ۋە پۈتۈن مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي غەرق قىلىۋەتتى.


ئەمما سېنى دېڭىز دولقۇنلىرى ۋەيران قىلدى، ماللىرىڭ ۋە بارلىق ئادەملىرىڭ دېڭىزغا غەرق بولدى.


ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: «تاشلىنىدۇ مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل، كۆرۈنمەيدۇ قايتا.


لېكىن، كىمدەكىم ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا ئازدۇرسا، شۇ ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە چۆكتۈرۈلگىنى ئەۋزەل.


سەن يەنىلا بىزگە ئىچ ئاغرىتىسەن. ئەيىبلىرىمىزنى ئاياغ ئاستىغا، پۈتكۈل گۇناھلىرىمىزنى دېڭىزنىڭ تەكتىگە تاشلايسەن.


«نالە قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قۇلاق سالدى ئۇ ماڭا. پەرياد قىلدىم چوڭقۇر يېرىدىن ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ، قۇلاق سالدىڭ نالەمگە سەن مېنىڭ.


ئۇلارغا دەھشەت ۋەھىمە چۈشەر. ئى پەرۋەردىگار، قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە ئۇلار ئالدىدىن، تېڭىرقاپ تۇرۇشۇپ قالار كۆرگىنىدە زور قۇدرىتىڭنى.


دۈشمەنلىرى سۇ ئاستىدا غەرق بولدى، ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ ھايات قالمىدى.


تۆرەلگەنمەن دېڭىز-ئوكيانلار يوقتىلا، بۇلاقلار كۆز ئاچماستىلا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite