4 ئۇ دېڭىزغا غەرق قىلدى مىسىر قوشۇنىنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇلارنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىرىنى.
مەن سەن ئارقىلىق ئاتلار ۋە چەۋەندازلارنى يوقاتتىم، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم.
مەريەم خۇدانى مەدھىيەلەپ، ئۇلارغا مۇنداق مۇناجات ئوقۇدى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.»
قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا، كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟