مىسىردىن چىقىش 15:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 پەرۋەردىگار: _ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان مەن خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپا بولىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى. Gade chapit la |
سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىدى. ئۇ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.