Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 15:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ تەلەپ قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر شاخنى كۆرسەتتى. ئۇ شاخنى سۇغا تاشلىغانىدى، بەتتەم سۇ ئىچكىلى بولىدىغان تاتلىق سۇغا ئايلاندى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن، ئۇ يەردە ئۇلارغا قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 15:25
26 Referans Kwoze  

سىلەر چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قىرىق يىل ئىچىدە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى قانداق يېتەكلىگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ سىنىدى،


ئى خۇدا، سەن بىزنى سىنىدىڭ، كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك تاۋلىدىڭ.


پەرۋەردىگار كەنئان زېمىنىدا بىر قىسىم خەلقلەرنى قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى، ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىللارنى سىناش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا، بولۇپمۇ ئەزەلدىن جەڭگە كىرىپ باقمىغان ئىسرائىللارغا جەڭ قىلىشنى ئۆگىتىش ئىدى.


پەرۋەردىگار بۇ خەلقلەرنى قالدۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ سەۋەبى _ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئەجدادلىرىغا چۈشۈرگەن ئەمرلەرگە بويسۇنىدىغان-بويسۇنمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى.


چۆللۈكتە ئەجدادلىرىڭلار ئەزەلدىن يەپ باقمىغان ماننانى يېگۈزدى. سىلەرنى ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مەن ئاسماندىن يېمەكلىك ياغدۇرىمەن. ئىسرائىللار ھەر كۈنى چىقىپ، شۇ كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن. مەن ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى مۇشۇ ئارقىلىق سىنايمەن.


ئېلىشا بۇلاق بېشىغا بېرىپ، تۇزنى بۇلاققا تۆكۈپ: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن بۇ سۇنى پاكلىدىم. بۇ سۇ ئەمدى ھەرگىز جانغا زامىن بولمايدۇ ھەم تۇپراقنى شورلاشتۇرمايدۇ، _ دېدى.


ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈز تۇتقانلارغا نىسبەتەن بىر ئەخمىقانىلىكتۇر. لېكىن، قۇتقۇزۇلۇش يولىدا مېڭىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، ئۇ خۇدانىڭ بىزنى قۇتقۇزىدىغان كۈچ-قۇدرىتىدۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر ئۇلارنى ئازاب ئوتىدا تاۋلايمەن ۋە سىنايمەن. خەلقىمنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق.


ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا تاۋلىنار، ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار.


جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە.


چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»


ئېلىشا: _ ماڭا ئازراق ئۇن بېرىڭلار، _ دېدى. ئاندىن ئۇ ئۇننى قازانغا چېچىپ: _ ئەمدى ئۇسۇپ بېرىۋەر _ دېدى. بۇ چاغدا قازاندا زەھەر قالمىغانىدى.


ئىسرائىللار پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇپ كېتىشتى ۋە پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىشتى.


مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر، سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر. ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا، بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا.


قىستاڭچىلىقتا نىدا قىلساڭ، مەن سېنى قۇتۇلدۇردۇم. قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ساڭا جاۋاب بەردىم، مىرىبادا ئاققان سۇ بويىدا سېنى سىنىدىم. سېلاھ


ئۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار! چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى سىنىغىنىدۇر. ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ باقماقچى بولغانلىقىدۇر.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ: _ بۇ خەلقنى قانداق قىلاي؟ ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان يەرگە يەتتى، _ دېدى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!


مۇسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ قورقماڭلار، خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ۋە سىلەرنىڭ ھەمىشە ئۆزىدىن قورقۇپ، گۇناھتىن خالىي بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر، _ دېدى.


خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا: _ قەيەرگە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم پالتا چۈشۈپ كەتكەن يەرنى كۆرسەتتى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىر شاخ كېسىپ، ئۇنى شۇ يەرگە تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى.


مەن دەريا قىرغىقىغا چىققان ھامان دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ دەرەخلەرگە تولغانلىقىنى كۆردۈم.


ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ دەريا شەرققە قاراپ ئېقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسى ئارقىلىق ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ تۇزلۇق سۈيى تاتلىق سۇغا ئايلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite