مىسىردىن چىقىش 15:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 بۇلارنى ئاڭلىسا تىتىرەك باسار جىمى ئالەمنى، ۋەھىمە باسار فىلىستىيە خەلقىنى. Gade chapit la |
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ چۈنكى بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى، سىلەرنىڭ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن قاتتىق قورقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان.