10 بىراق سەن بوران بىلەن غەرق قىلدىڭ ئۇلارنى دېڭىزغا. ئۇلار گويا قوغۇشۇندەك چۆكتى سۇنىڭ تېگىگە.
پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدۇ، ئۇ فىرات دەرياسىدا ئىسسىق شامال چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى يەتتە تارماق ئېقىنغا ئايرىۋېتىدۇ.
مىسىر قوشۇنلىرىغا، ئاتلىرىغا ۋە جەڭ ھارۋىلىرىغا قانداق قارشى تۇرغانلىقىنى، ئۇلار سىلەرنى قوغلاپ كەلگەندە ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغا قانداق غەرق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن.
چوڭقۇر دېڭىز يۇتتى ئۇلارنى، ئۇلار تاشتەك چۆكتى دېڭىزغا.
مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلدى.
شاگىرتلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.
تاغ ۋە شامالنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار خۇدادۇر، ئۇ ئوي-خىياللىرىنى ئىنسانلارغا ئايان قىلغاندۇر. ئۇ قاراڭغۇلۇقنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرار، ھەتتا ئۇ زېمىننىڭ يۈكسەكلىكلىرىدە ماڭار. ئۇنىڭ ئىسمى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدادۇر.
ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.
پەرۋەردىگار سۆزى بىلەن ئېرىتەر ئۇلارنى، شامىلى بىلەن ئاققۇزار سۇلارنى.
ئۇ، زېمىننىڭ تۆت تەرىپىدىن ئەكېلىپ بۇلۇتلارنى، يامغۇر ياغدۇرۇپ ھەم چاقتۇرۇپ چاقماقلارنى، كۇھىقاپلىرىدىن ئېلىپ چىقار شاماللارنى.
لېكىن خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق جانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى.
كىم ئەرشكە چىققان ھەم ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى تونىغا يۆگىگەن؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىچۇ؟ بىلمەمسەن؟
ئاندىن يۇرتقا يېتىپ بارغاندا، ئۇلار: ‹مىسىر پادىشاھى ئاغزىدىلا گېپى بار ئادەم ئىكەن، ئۇ پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى!› دەيدۇ.
جەڭ پۈتۈن ئەتراپقا يېيىلدى. شۇ كۈنى ئورماندىكى پالاكەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەڭدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ ئىدى.
سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دېڭىزدىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى خۇددى تاشنى سۇغا غەرق قىلغاندەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ.