Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 15:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ، مۇنداق مۇناجات ئېيتتى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 15:1
27 Referans Kwoze  

ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.


مەريەم خۇدانى مەدھىيەلەپ، ئۇلارغا مۇنداق مۇناجات ئوقۇدى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.»


شۇندىلا خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەندى ئۇلار، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ئوقۇدى كۈي-ناخشىلار.


شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.


شۇنداق قىلىپ، خۇدا روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى يامان ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش بىلەن ئۇلارنى پۈتكۈل ئالەم ئالدىدا نومۇستا قالدۇردى.


شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى خارلىغاندا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپتۇ، _ دېدى.


بۇ تاڭ ئاتقان ۋاقىت بولۇپ، مۇسا قولىنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇ يەنە ئەسلىگە قايتىشقا باشلىدى. مىسىرلىقلار ئىككى تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قاچتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزغا ھالاك قىلىۋەتتى.


ئۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەندىكى ناخشىنى ئېيتقانىدى: «ئەي قۇدۇق، ئېتىلىپ چىققاي سۇلىرىڭ، كۈيلىگەيمىز بىز سېنى،


سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دېڭىزدىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى خۇددى تاشنى سۇغا غەرق قىلغاندەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ.


سەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ماختاشنى ئۇنتۇما، كىشىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندۇر.


ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن، ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى، ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى. سېلاھ


گۈركىرەشلىرىڭدىن ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئى خۇدا، ئات ھەم جەڭ ھارۋىلىرى تۇرۇپ قالدى ئۇرۇش مەيدانىدا.


ئۇ خەلقىنى چىقاردى مىسىردىن شاد قىلىپ، ھۆرلۈكىگە تەنتەنە قىلدى خەلقى ناخشا ئېتىپ.


ئۆزىگە تۇزاق قۇرار ياماننىڭ گۇناھى، ناخشا ئېيتىپ شادلىنار ھەققانىي.


پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! دېڭىزچىلار ۋە دېڭىزدا ياشايدىغان جانىۋارلار، دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ناخشا ئېيتىڭلار! ھەممە يەردە مەدھىيەلەر ياڭرىسۇن!


مەن سەن ئارقىلىق ئاتلار ۋە چەۋەندازلارنى يوقاتتىم، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم.


شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن، خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ دېڭىزغا قولۇڭنى شىلتى، بۆلۈنگەن سۇ ئەسلىگە كەلسۇن. مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى سۇغا غەرق بولسۇن، _ دېدى.


قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا، كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟


مەن سېنىڭ ئاغزىڭدىن بائالنىڭ ئىسمىنى يوقىتىمەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولىسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite