مىسىردىن چىقىش 14:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 پەرۋەردىگار پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنى جاھىللاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن زەپەر بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. Gade chapit la |
مەن پىرئەۋننى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى يېڭىمەن، شۇ چاغدا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. مىسىرلىقلارمۇ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، _ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇ يەردە چېدىرلىرىنى تىكىشتى.