6 شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن شاھانە جەڭ ھارۋىسىنى تەييار قىلدۇرۇپ، قوشۇنىنى باشلاپ يولغا چىقتى.
پىرئەۋن «ئىسرائىللار قېچىپ كەتتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە قارارىنى ئۆزگەرتىپ: _ بىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەخمەقلىق قىلدۇق؟ ئىسرائىللارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويۇپ، نۇرغۇن قۇلدىن مەھرۇم قاپتۇق! _ دېيىشتى.
ئۇ مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى باشلاپ ماڭدى. بۇ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تاللانغان ئالتە يۈز جەڭ ھارۋىسىمۇ بار ئىدى. ھەربىر جەڭ ھارۋىسىدا بىردىن لەشكەر بېشى بار ئىدى.
ئۇ دېڭىزغا غەرق قىلدى مىسىر قوشۇنىنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇلارنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىرىنى.