مىسىردىن چىقىش 14:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى31 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشتى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى. Gade chapit la |
ئەتىسى سەھەردە جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشىنىڭلار، شۇندىلا مەزمۇت تۇرىسىلەر، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، شۇندىلا غەلىبە قىلىسىلەر.
ئۇلار مەندىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمنى ئۆتۈندى. بۇ چاغدا مەن زېمىنغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن ئايرىۋەتتىم ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتىم. مېنىڭ مىسىرلىقلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇزۇن ۋاقىت چۆل-باياۋاندا ياشىدى.