Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 14:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 ئىسرائىللار دېڭىز بويىدا مىسىرلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 14:30
17 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قوللىرىدىن ئازاد قىلدى، رەقىبلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى.


ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.


بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.


يامانلارنى جازالىسا خۇدايىم ھەققانىيلار خۇش بولار، يامانلارنىڭ قېنىدا پۇتلىرىنى يۇيىدۇ ئۇلار.


ۋاپادار پەرۋەردىگار ماڭا كېلىپ ياردەم بېرەر، دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتەر.


شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلدى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى.


بىراق مۇسا ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.


ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.


كۆرىسەن پەقەت ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى، پاسىقلارنىڭ قانداق جازالانغىنىنى.


شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار خىزكىيانى ۋە يېرۇسالېملىقلارنى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ۋە باشقا دۈشمەنلىرىدىن قوغداپ، زېمىنىغا تىنچلىق ئاتا قىلدى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.


سائۇل: _ بۈگۈن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە نۇسرەت ئاتا قىلغان كۈن، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ خەلقىم، مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدىغان پەرزەنتلىرىمدۇر». شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى.


شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ خەلقى مۇسانىڭ ھايات ۋاقىتلىرىنى ئەسلىرىگە ئېلىشتى: «خەلقنى مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟ مۇقەددەس روھنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگار قېنى؟


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلار، ئامورلار، ئاممونلار ۋە فىلىستىيەلىكلەردىن قۇتقۇزمىغانمۇ؟


لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite