مىسىردىن چىقىش 14:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29 ئىسرائىللار قۇرۇق جاي بىلەن دېڭىزدىن ئۆتكەندە، سۇ خۇددى ئىككى تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنگەنىدى. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردىن چىققاندا چۆل-باياۋاندا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ چاغدا خۇدا ئاتا قىلغان يول باشلىغۇچى بۇلۇتنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا بولۇپ، خۇدانىڭ مۆجىزىسى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزدىن ساق-سالامەت مېڭىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى خۇددى ئېتىقادچىلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىدەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسا پەيغەمبەرگە ئەگەشكۈچىلەردىن بولدى.