Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 14:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 مىسىرلىقلار، جۈملىدىن پىرئەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ، دېڭىزدىكى قۇرۇق يەردىن ماڭدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 14:23
7 Referans Kwoze  

مەن مىسىرلىقلارنى جاھىللاشتۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ ئارقىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ھەمدە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمەن. شۇندىلا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى دېڭىزدىكى قۇرۇق يولغا كىرگەندە، پەرۋەردىگار دېڭىز سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى. بىراق ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى.


قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ.


پەرۋەردىگار: «ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى.


ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن، دەپ جار سالدى دۈشمەن. دېدى ئۇلار: ‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچ بىلەن ئالىمەن دەردىمنى›.


مەن پىرئەۋننى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى يېڭىمەن، شۇ چاغدا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. مىسىرلىقلارمۇ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، _ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇ يەردە چېدىرلىرىنى تىكىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite