12 ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىزگە: «بولدى قىلىڭ، مىسىردا قۇل بولساق بولايلى» دېمىگەنمىدۇق؟! قۇل بولۇش ھامان چۆلدە ئۆلگەندىن ياخشى ئەمەسمىدى؟! _ دېيىشتى.
ئى پەرۋەردىگار، ئەمدى جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!
مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى، لېكىن ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن روھسىزلانغان ئىسرائىللار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.
كۈن چىققاندا، خۇدا كۈنچىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقاردى. قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى.
_ سىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارغا پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئەدىبىڭلارنى بەرسۇن. سىلەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا نامىمىزنى سېسىتتىڭلار. ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشىگە باھانە تېپىپ بەردىڭلار، _ دېدى.
خەلقىمنىڭ قىلغان نالە-پەريادى قۇلىقىمغا ئاڭلانماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئەزگەنلىكىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا.
ۋە قاتتىق ۋارقىراپ: - ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! خۇدا ئالدىدا سەندىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، مېنى قىينىما! - دېدى.
- ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! - دەپ توۋلاپ كەتتى.
ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتقا مەستانە بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسۇن.
پىرئەۋن ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يول قويغان ۋاقىتتا، گەرچە ئىسرائىللارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنى بىلەن مېڭىشى مەنزىلگە يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى ئۇ يولغا باشلىمىدى. چۈنكى خۇدا: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، بەلكىم پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى.
ئەجدادلىرىمىز مىسىردىكى چېغىدا، مەنسىتمىگەنىدى خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى. ئىسيان كۆتەرگەنىدى ئۇلار قىزىل دېڭىز بويىدا، ئېسىدىمۇ تۇتماستىن خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى.