8 ھېيت كۈنلىرى پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇ ھېيتنىڭ سىلەرنىڭ مىسىردىن ئايرىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتكەن پۈتۈن مۆجىزىلىرىنى ئەسلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭلارنى چۈشەندۈرۈڭلار.
كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «سىلەر نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.
ئى خۇدا، قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا، سەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئىشلىرىڭنى ئاڭلىغانىدۇق بىز ئۆز قۇلىقىمىزدا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنىدى بۇنى.
لېكىن خۇددى بۈگۈن مەن ساڭا مەدھىيە ئوقۇۋاتقاندەك، ھاياتلار، پەقەت ھاياتلارلا ساڭا شۈكۈر ئېيتالايدۇ. ئاتىلار سېنىڭ ساداقىتىڭنى بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ.
شۇنداق بولغاندا، سىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلارغا مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق جازالىغانلىقىم ۋە ئۇلارغا قانداق مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىمنى سۆزلەپ بېرەلەيسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلەلەيسىلەر، _ دېدى.
ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار.
كەلگۈسىدە ئەۋلادىڭلار سىلەردىن: «پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە جاكارلىغان بۇ پەرز ۋە قانۇن-نىزاملىرىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟» دەپ سورايدۇ.