6 ھېيت مەزگىلىدە يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىبادەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈڭلار.
ماڭا ئاتاپ يەتتە كۈن تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. يەتتىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.»
پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.
كېيىنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەقەت پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا بېغىشلاپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. ئۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار.
يېرۇسالېمغا يىغىلغان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدى. روھانىي ۋە لاۋىيلار ياڭراق سازلارنى چېلىپ، ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتۈپ ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىقلىرىدىن پېتىر نان ۋە قوماچنى يېيىشتى.