Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 13:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 13:3
58 Referans Kwoze  

ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردا قۇل بولغان ۋاقتىڭلاردا، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قۇتقۇزغانىدى. شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردا قۇل بولغانىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇللۇقتىن ئېلىپ چىقتىم. شۇڭا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دەم ئېلىش كۈنۈڭلارنى بەلگىلىدىم.


_ مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.


مىسىردىكى قۇل بولغان چاغلىرىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار، ھەر دائىم بۇ نىزاملارغا قەتئىي ئەمەل قىلىڭلار.


«مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردا قۇللۇقتا ياشاۋاتقاندا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزدى. شۇڭا مەن بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇنداق قىلىشنى بۇيرۇيمەن.


دىققەت قىلىڭلار، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!


قۇربانلىق گۆشنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن يېمەڭلار. يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يەڭلار. سىلەر ئەينى چاغدا مىسىردىن تېز چىقىپ كەتكەنىدىڭلار. شۇڭا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا پېتىر نان يېسەڭلار، مىسىردىن چىققان ئاشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەپ تۇرىسىلەر.


مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. ئۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى.


كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «سىلەر نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.


پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ۋە بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بىز بېسىپ ئۆتكەن بارلىق زېمىنلاردىكى يات خەلقلەردىن بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ كەلدى.


ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈشكە ئۈندىدى.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرمۇ مىسىردا قۇل بولغان، شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.


شۇ كۈنى كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنى مىسىردىن مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ چىقتى. شۇڭا ئىسرائىللار بۇ كېچىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ھەر يىلى خاتىرىلەيدىغان بولدى.


ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ قالغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدۇرىدۇ. ئۇلار سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.


ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يەڭلار. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈلسۇن. سىلەر مۇشۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار.


دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.


بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغانلىكى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن كىشى مەيلى ئىسرائىل ياكى يات خەلق بولسۇن، ئىسرائىل خەلقى قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


شۇ كېچىسى گۆشنى ئوتتا پىشۇرۇپ، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات ۋە پېتىر نان بىلەن يېسۇن.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرئەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ قولۇمنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، _ دېدى.


شۇڭا مەن مىسىرلىقلارغا ئۆز قولۇم بىلەن ھەر خىل كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جازالايمەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى سىلەرنى مىسىردىن كېتىشىڭلارغا يول قويىدۇ.


يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.


شۇنداقلا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىكلىكىنىمۇ چۈشەنگەيسىلەر. بۇ، دەل خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشتە ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئولتۇرغۇزغاندا نامايان قىلغان بۈيۈك كۈچ-قۇدرەتتۇر.


خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ناننى ئوشتۇپ تۇرۇپ: «بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار» دېدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى يەھۇدىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆيلىرىنى خېمىرتۇرۇچتىن خالىي قىلغاندەك، بىزمۇ بۇرۇنقى ھاياتىمىزدىكى خېمىرتۇرۇچنى، يەنى يامانلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى تاشلاپ، ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىمىزنى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە شاد-خۇراملىقتا ئۆتكۈزەيلى.


ئاندىن، ئۇ بىر ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارغا بېرىپ: - بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، - دېدى.


سەن پىرئەۋن، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر.


ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.


بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئامانلىق تىلەڭلار.


شۇڭا سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرىمەن. مەن ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن.


شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. مەن يەنە قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، مىسىرلىقلارغا ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرىمەن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن توپ-توپى بىلەن ئېلىپ چىقىمەن.


پەقەت پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنى سىلەر ھېيت ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇشۇ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىمەن. پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش سىلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.


ھېيت خۇددى قولۇڭلار ياكى پېشانەڭلاردىكى بەلگىدەك سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى ھەمىشە ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەسلىكىڭلارنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


پەرۋەردىگار سىلەرنى سۆيگەنلىكى ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، ياقۇپ ئەۋلادى يات خەلقلەردىن ئايرىلغىنىدا،


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ.


سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر.


_ ھازىردىن باشلاپ، بۇ ئاي ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى بولسۇن.


دەل 430 يىل توشقان كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى مىسىردىن چىقتى.


پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.


سىلەر ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بېرىڭلار: «بىز مىسىردا پىرئەۋننىڭ قۇللىرى بولۇپ ياشاۋاتقاندا، پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «تېزدىن تاغدىن چۈشكىن، سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان بۇ خەلق تاپتىن چىقتى. ئۇلار شۇنچە تېزلا مەن ئەمر قىلغان يولدىن چىقىپ، ئۆزلىرىگە بۇت ياسىۋالدى!» دېدى.


ئەگەر سىلەرنى قېرىندىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، سۆيۈملۈك ئاياللىرىڭلار ياكى ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار سىلەرمۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا يوشۇرۇنچە قىزىقتۇرۇپ: «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دېسە،


ئۇلارنى ئۆلتۈرسەڭلار، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاڭلاپ قورقىدۇ. ئاراڭلاردىن ھېچكىم يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.


_ ئابىب ئېيىدا، يەنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى ئاشۇ ئاينىڭ بىر كېچىسى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى ۋە ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىپ، بىزنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.


ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىدى. ئەتراپىدىكى خەلقلەر چوقۇنىدىغان بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.


شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.


سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغان كىشىلەر سېنىڭ خەلقىڭدۇر ھەم خىزمەتكارلىرىڭدۇر.


تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر.


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنى زور قۇدرىتى بىلەن ئېلىپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


«مەن پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغاندا، ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزگەنىدىم. مەن ئۇلارغا:


ئى ئىگىمىز خۇدا، سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ. شۇڭا سېنىڭ قۇدرىتىڭ بۈگۈنگە قەدەر تىلغا ئېلىنار. بىز گۇناھ قىلدۇق ۋە خاتالاشتۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite