Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 13:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 13:2
19 Referans Kwoze  

پادىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاڭلار. ئەركەك كالىلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرى بىلەن يەر ھەيدىمەڭلار ھەم قوچقارلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قىرقىماڭلار.


ماڭا ھەدىيە قىلىنغان تۇنجى ئوغۇللار ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ھايۋانلارمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. لېكىن خەلق تۇنجى ئوغۇل ۋە ناپاك ھايۋاننىڭ تۇنجى ئەركەك پۇشتىنى سىلەرگە ھەق تۆلەپ، قايتۇرۇۋالسۇن.


_ ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلمىسۇن، چۈنكى مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ بالىسى بولسۇن، بەرىبىر مېنىڭدۇر.


ئۇ چاغدا سەن پىرئەۋنگە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.


ئىسىملىرى ئەرشتە يېزىلغان تۇنجى تۇغۇلغانلار جەم بولىدىغان، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ سوراقچىسى خۇدا بار بولغان، كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرى مەۋجۇت بولغان،


ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.»


پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا:


_ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ بارىمىز.


سەن يەنە ماڭا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-قىزلىرىڭنى بۇتلارغا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ. ئەجەبا، سېنىڭ قىلغان باشقا بۇزۇقچىلىقلىرىڭ يەتمىگەنمىدى؟!


سەن مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىمنى ئۆلتۈرۈپ، بۇتقا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ.


كۇپۇرلۇق قىلماڭلار، خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىنى قارغىماڭلار.


بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ۋە باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ھەم زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite