18 شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.
قاقاس چۆللۈكتىن، ياۋايى ھايۋانلار ھۇۋلاپ تۇرىدىغان دالادىن پەرۋەردىگار تاپتى ئىسرائىللارنى. باقتى ئۇلارنى، قوغدىدى ئۇلارنى خۇددى قوغدىغاندەك كۆز قارىچۇقىنى.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىگدول شەھىرى بىلەن دېڭىز ئارىلىقىدىكى پىھاخىروت دېگەن يەرنىڭ يېنىدا چېدىرلىرىنى تىكسۇن. ئۇ يەر بائال-زىفوننىڭ قارشى تەرىپىدىدۇر.
پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.
تاپقۇچە ئۇلار ماكانلاشقۇدەك بىر يەرنى، تۈز يولغا باشلىدى خۇدا ئۇلارنى.
شۇڭا سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا قالسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قوراللىنىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، قېرىنداشلىرىغا ياردەمدە بولسۇن.
پادىشاھىڭلارنىڭ جەڭ ئاتلىرى كۆپ بولمىسۇن، مىسىرغا ئادەم ئەۋەتىپ ئات سېتىۋالمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مىسىرغا قايتا بارماسلىقىڭلارنى بۇيرۇغان.
رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى.
ئۇرۇشقا تەييارلانغان 40 مىڭچە قوراللىق ئادەم دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار ئىدى.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۆز قوۋمىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ ئۆتكۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
ئاندىن يۈسۈپ ئىسرائىل خەلقىگە: _ خۇدا سىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىتتا، مېنىڭ جەسىتىمنى بىرگە ئېلىپ كېتىشكە ئالدىمدا قەسەم قىلىڭلار! _ دېدى.
مىسىر قوشۇنى، جۈملىدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە پىيادە لەشكەرلەر ئىسرائىللارنى تاكى قىزىل دېڭىزغىچە، يەنى ئۇلار چېدىر قۇرغان جايغىچە توختىماي قوغلاپ باردى. ئۇ يەر پىھاخىروتنىڭ يېنىدا بولۇپ، بائال-زىفوننىڭ قارشى تەرىپىدە ئىدى.