6 پۈتۈن ئىسرائىل ئائىلىلىرى تاللىغان ماللىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ياخشى بېقىپ، شۇ كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا بوغۇزلىسۇن.
«1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.
«1-ئاينىڭ 14-كۈنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى خاتىرىلەڭلار.
بۇنداق كىشىلەر بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ھېيت قىلسۇن. ھېيتنىڭ قۇربانلىقىنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن يېسۇن.
ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ 21-كۈنى كەچقۇرۇنغىچە پېتىر نان يەڭلار.
دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى.
1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. ھېيت كۈنلىرى پېتىر نان يەڭلار.
_ مەن ئىسرائىللارنىڭ رەنجىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سەن ئۇلارغا: «خۇدا: ‹كەچتە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان يەيسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدى»، _ دېگىن.
بىراق، كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن چۇقان سېلىشىپ: - ئۇنى ئۆلتۈرۈڭ! بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! - دېيىشتى.
كېڭەشمە ھەيئەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى.
ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت توققۇزلار ئىدى.
بىراق، ئالىي روھانىيلار خەلققە: «ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭلار» دەپ، ئۇلارنى كۈشكۈرتتى.
خەلق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر مەھبۇسنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئالىي كېڭەشمىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانى باغلاپ، ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.
پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: - ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! - دېيىشتى.
ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خەلقنى كۈشكۈرتۈپ، ۋالىي پىلاتۇستىن بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدۇردى.
بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.
مۇقەددەس ۋە ئادىل بولغان ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار.
ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.
پەقەت پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنى سىلەر ھېيت ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇشۇ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىمەن. پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش سىلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.
پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلسۇن.
پۈتۈن ئىسرائىللار ئېلىم دېگەن يەردىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مىسىردىن ئايرىلىپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئېلىم بىلەن سىناي تېغىنىڭ ئارىلىقىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ باردى.
ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ،
يوشىيا يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. جامائەت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن بوغۇزلايدىغان پاقلان ياكى ئوغلاقنى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بوغۇزلىدى.
1-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
ئۇلارنىڭ بىرى ئەتىگەندە، يەنە بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن.
گۇگۇم چۈشكەندە قۇربانلىق قىلىنغان ئىككىنچى قويغا قوشۇپ ئاتىلىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش قىلىنسۇن. بۇ نەرسىلەر مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.