Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 12:51 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

51 پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 12:51
25 Referans Kwoze  

دەل 430 يىل توشقان كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى مىسىردىن چىقتى.


دەل يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھارۇن بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.


ئىسرائىللار ئەزەلدىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزنى تاللىدى. ئۇلار مىسىردا ياشىغان مەزگىلدە، خۇدا ئۇلارنى ئۇلۇغ بىر مىللەت قىلدى. خۇدا كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، قۇللۇق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى ۋە


بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.


شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.


شۇڭا سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرىمەن. مەن ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن.


شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. مەن يەنە قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، مىسىرلىقلارغا ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرىمەن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن توپ-توپى بىلەن ئېلىپ چىقىمەن.


بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغان قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلدى.


پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا:


پۈتۈن ئىسرائىللار ئېلىم دېگەن يەردىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مىسىردىن ئايرىلىپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئېلىم بىلەن سىناي تېغىنىڭ ئارىلىقىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ باردى.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ،


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، ياقۇپ ئەۋلادى يات خەلقلەردىن ئايرىلغىنىدا،


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


ئامورلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋانلاردا قىرىق يىل يېتەكلىگەن مەن ئەمەسمىدىم؟!


مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتتىم.


ئۇ قېرىنداشلىرىغا: _ مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ ۋە سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، _ دېدى.


سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، مەن ئىسرائىللارنى باشلاپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى كەپىدە تۇرغۇزغانلىقىمنى كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ بىلەلەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»


خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى، ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر.


_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بارلىق ئەرلەرنى رويخەتكە ئېلىڭلار. مىسىردىن چىققان ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:


تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە قوشۇنلىرى بىلەن مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بېسىپ ئۆتكەن سەپەر جەريانلىرىدۇر.


ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى تاللىدى. ئۇ شەخسەن ئۆزىنىڭ بۈيۈك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


_ ئابىب ئېيىدا، يەنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى ئاشۇ ئاينىڭ بىر كېچىسى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


كېيىن مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم.


سۇلايمان ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران بولغان 4-يىلى 2-ئايدا، يەنى زىۋ ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىققىنىغا 480 يىل بولغانىدى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۇشلارنى ئاسا ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى، كۇشلار قاچتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite