Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 12:48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

48 ئەگەر ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئەرلەرنى خەتنە قىلدۇرسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارمۇ ئىسرائىللارغا ئوخشاش بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. لېكىن خەتنە قىلىنمىغانلار قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى يېمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 12:48
12 Referans Kwoze  

ئەگەر ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەردىن بىركىم ھېيتنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ ھېيتنى پۈتۈن بەلگىلىمىلىرى ۋە قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. مەيلى ئىسرائىللار ياكى يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەر قوللىنىلسۇن.


بۇ يېڭى ھاياتتا بىزنىڭ يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس، خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان، مەدەنىيەتسىز ھەتتا ياۋايى، قۇل ياكى ھۆر بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ بولسا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر.


مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار.


بۇ زېمىن سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلاردۇر. ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگىمۇ يەرلەرنى مۈلۈك قىلىپ، تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ئۇلارغىمۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىن بۆلۈپ بېرىڭلار.


پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: _ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق گۆشىنى يات خەلقلەر يېمىسۇن.


بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغانلىكى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن كىشى مەيلى ئىسرائىل ياكى يات خەلق بولسۇن، ئىسرائىل خەلقى قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايدىغان خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەر مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرمىسۇن.


ھازىردىن باشلاپ، سىلەر بارلىق ئوغۇل بوۋاقلىرىڭلارنىڭ، مەيلى ئۆيۈڭلاردىكى قۇللار تۇغقان ياكى باشقا ئەللەردىن سېتىۋالغان قۇلۇڭلار تۇغقان ئوغۇل بوۋاقلار بولسۇن، ئۇلار تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىڭلار. خەتنە قىلىش ئارىمىزدا تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسىدۇر.


ئىسرائىللار ياكى ئىسرائىلىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يات خەلقلەر مەندىن يىراقلىشىپ، قەلبلىرىدە ئۆزلىرى پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئاندىن كېلىپ پەيغەمبەردىن مەسلىھەت سورىسا، مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن.


ئۇلارنى ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردەك كۆرۈڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ بۇرۇن مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite