46 قۇربانلىق قوينىڭ گۆشى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلماي، ئۆينىڭ ئىچىدىلا يېيىلسۇن. قوينىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمىسۇن.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇنمايدۇ» ۋە «ئۇلار ئۆزلىرى نەيزە سانجىغان ئادەمگە قارىشىپ قالىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ئېشىپ قالغان يېمەكلىكنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىمىسۇن. مالنىڭ ئۇستىخىنىنى سۇندۇرمىسۇن. ھېيتنى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى.
گەرچە بىزنىڭ تېنىمىزدىكى ئەزالار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىرلا تەننى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى نۇرغۇن ئېتىقادچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارمۇ بىرلا تەندۇر.
ئامان ساقلار خۇدا ئۇنىڭ بارلىق سۆڭەكلىرىنى، ھەتتا سۇنۇق قىلماس بىر تال ئۇستىخىنىنى.
ئۆلۈم ئېلىپ كېلەر ئۆزلىرىگە رەزىللەرنىڭ قىلمىشلىرى، جازالىنار ئۆچ كۆرگەنلەر ھەققانىيلارنى.