مىسىردىن چىقىش 12:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى42 شۇ كۈنى كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنى مىسىردىن مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ چىقتى. شۇڭا ئىسرائىللار بۇ كېچىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ھەر يىلى خاتىرىلەيدىغان بولدى. Gade chapit la |
مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.