33 مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئۆز يۇرتىدىن چاپسان كېتىشكە ئالدىراتتى. ئۇلار: _ سىلەر چىقىپ كەتمىسەڭلار، بىز ئۆلۈپ تۈگەيدىكەنمىز، _ دېيىشتى.
ئۇلارنىڭ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى، چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن بەك قورققانىدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەڭ ئاخىرقى ئاپەتنى چۈشۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى جەزمەن قويۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.
بىر كۈنى كېچىسى خۇدا ئابىمەلەكنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: _ پات ئارىدا ھالاك بولىسەن! چۈنكى سەن ئەكەلدۈرۈۋالغان ئايال باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر، _ دېدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرئەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ قولۇمنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، _ دېدى.
ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە: _ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.
ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن خېمىرلاردىن پېتىر نان قىلدى. چۈنكى ئۇلار مىسىردىن تېز چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاچقا، خېمىرلىرىنى بولدۇرۇپ، يېمەكلىك تەييارلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى.
سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر.
پادىشاھ خۇمداندىكى ئوتنى ئۇلغايتىشقا قاتتىق بۇيرۇق قىلغاچقا، ئۇلارنى ئوتقا تاشلاشقا كەلگەن لەشكەرلەرمۇ ئوت يالقۇنىدا كۆيۈپ ئۆلدى.