Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 12:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىڭلار. ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلىپ قويۇڭلار، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 12:32
8 Referans Kwoze  

بىز چارۋا ماللىرىمىزنى چوقۇم ئېلىپ بارىمىز، ھەتتا بىرەر تۇياق مېلىمىزنىمۇ بۇ يەردە قالدۇرمايمىز. بىز پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان قۇربانلىقنى ئۆز ماللىرىمىز ئىچىدىن تاللايمىز. ئۇ يەرگە بارمىغۇچە، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قايسى مالنى قۇربانلىق قىلىشنى بىلمەيمىز، _ دېدى.


بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەساۋ ئىنتايىن ئازابلىنىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ: _ ئاتا، ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز! _ دېدى.


مۇسا جاۋابەن: _ قېرى-ياش، بالىچاقا ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئېلىپ، ھەممىمىز بارماقچى. چۈنكى بىز ئۇ يەردە ھېيت ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىپ تەنتەنە قىلىمىز، _ دېدى.


مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، _ دېدى.


پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا ئىجازەت بېرەي، لېكىن ئانچە يىراققا كەتمەڭلار. مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.


ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە يالۋۇردى: _ ئاتا، سىز پەقەت ياقۇپقىلا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلەمسىز؟ ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز!


لېكىن مەن ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلقنى چوقۇم جازالايمەن. ئۇلار ئۇ ئەلدىن چىققىنىدا، نۇرغۇن بايلىقلار بىلەن چىقىدۇ.


شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite