Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 12:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 ئۇ كېچە پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ دەرھال كېتىڭلار! ھەممە ئىسرائىللارنى باشلاپ، يۇرتۇمدىن تېز چىقىپ كېتىڭلار. ئۆزۈڭلار تەلەپ قىلغىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 12:31
12 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرئەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ قولۇمنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، _ دېدى.


ئۇلارنىڭ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى، چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن بەك قورققانىدى.


مۇسا جاۋابەن: _ قېرى-ياش، بالىچاقا ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئېلىپ، ھەممىمىز بارماقچى. چۈنكى بىز ئۇ يەردە ھېيت ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىپ تەنتەنە قىلىمىز، _ دېدى.


پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا: _ پەرۋەردىگاردىن پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. شۇندىلا خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى.


ئاخىردا ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئېگىلىدۇ ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن. مۇسا سۆزىنى تۈگىتىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن دەرغەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتى.


مۇسا ئۇنىڭغا: _ ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن. مەنمۇ سىزگە كۆرۈنمەيمەن، _ دېدى.


پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ بارساڭلار بېرىڭلار! بىراق خۇدايىڭلارغا قىلىدىغان قۇربانلىقنى مىسىر چېگراسى ئىچىدە قىلىڭلار! _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەڭ ئاخىرقى ئاپەتنى چۈشۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى جەزمەن قويۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.


ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن خېمىرلاردىن پېتىر نان قىلدى. چۈنكى ئۇلار مىسىردىن تېز چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاچقا، خېمىرلىرىنى بولدۇرۇپ، يېمەكلىك تەييارلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى.


سىلەرنىڭ پىرئەۋندەك ۋە مىسىرلىقلاردەك جاھىللىق قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇندىلا ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغان ئەمەسمىدى؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite