30 ئۇ كېچە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى.
شۇ چاغدا پۈتۈن مىسىردا ئەلمىساقتىن بولمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدىغان قاتتىق يىغا-زار بولىدۇ.
پۈتكۈل ئۈزۈمزارلىقلار يىغا-زارغا تولىدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىڭلاردىن ئۆتىمەن، سىلەرنى جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.
يېرىم كېچىدە: «يىگىت كەلدى، ئالدىغا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.
كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا، ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا.
ئۆلمەي قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتماقتا ئىدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاھ-پەريادلىرى كۆككە كۆتۈرۈلگەنىدى.
غەزىپى چەككە يېتىپ خۇدانىڭ، جېنىنى ئايىماق بولۇپ ئۇلارنىڭ، ۋابا كېسەل ئەۋەتتى ئۇلارغا.
قورقۇنچلۇق كېسەللەر يۈرەر ئۇنىڭ ئالدىدا، ھەم كېلەر ۋابا ئۇنىڭ ئارقىسىدا.
پىرئەۋن ئۇلارغا: _ ھىم! مەن سىلەرنىڭ خوتۇن، بالىچاقىلىرىڭلارنى ئېلىپ بېرىشىڭلارغا ھەقىقەتەن يول قويۇشۇم كېرەك ئىكەن-دە!؟ سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى ساقلىسۇن! قاراڭلار، نىيىتىڭلار نېمانداق يامان!