26 ئەگەر پەرزەنتلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ قانداق ھېيت؟» دەپ سورىسا،
ئەسلەپ بېقىڭلار ئۆتمۈشۈڭلارنى، سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار تارىخىڭلارنى. سورىساڭلار ئاتاڭلاردىن، سۈرۈشتۈرسەڭلار ئاقساقاللاردىن، جاۋاب بېرىدۇ ئۇلار.
ئەۋلادلاردىن-ئەۋلادقا قالار ياخشى ئىشلىرىڭ، تەرىپلىنەر ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قۇدرىتىڭ.
ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار.
لېكىن خۇددى بۈگۈن مەن ساڭا مەدھىيە ئوقۇۋاتقاندەك، ھاياتلار، پەقەت ھاياتلارلا ساڭا شۈكۈر ئېيتالايدۇ. ئاتىلار سېنىڭ ساداقىتىڭنى بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ.
پەرزەنتلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار. مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا، مەيلى ياتقاندا، مەيلى تۇرغاندا بولسۇن داۋاملىق ئۇلارغا سۆزلەڭلار.
پەرزەنتلىرىڭلارغا سەمىمىي ئۆگىتىڭلار. مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا، مەيلى ياتقاندا، مەيلى تۇرغاندا بولسۇن، بۇ ئەمرلەر ھەققىدە داۋاملىق سۆزلەڭلار.
پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىنى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدى.
شۇنداق بولغاندا، سىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلارغا مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق جازالىغانلىقىم ۋە ئۇلارغا قانداق مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىمنى سۆزلەپ بېرەلەيسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلەلەيسىلەر، _ دېدى.
سىلەر پەرۋەردىگار بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردىمۇ، بۇ ھېيت ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار.
ئى خۇدا، قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا، سەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئىشلىرىڭنى ئاڭلىغانىدۇق بىز ئۆز قۇلىقىمىزدا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنىدى بۇنى.
كەلگۈسىدە ئەۋلادىڭلار سىلەردىن: «پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە جاكارلىغان بۇ پەرز ۋە قانۇن-نىزاملىرىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟» دەپ سورايدۇ.