25 سىلەر پەرۋەردىگار بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردىمۇ، بۇ ھېيت ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار.
مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلدىم. مەن سىلەرنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىغا ئېلىپ بارىمەن».
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.
مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار.
سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار بۇ قائىدىگە مەڭگۈ ئەمەل قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.
ئەگەر پەرزەنتلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ قانداق ھېيت؟» دەپ سورىسا،
پەرۋەردىگار سىلەرنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنلىرىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ كۈننى مۇبارەكلەپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە بەرگەنىدى.
شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مەن بەلگىلىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار.