21 مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ھەربىر ئائىلە بىردىن مال تاللاپ، ئۇنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سويسۇن.
سىلەر تۆۋەندىكىلەرنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تاپىلاڭلار. مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەن خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بىر قوچقار ياكى تېكە تەييارلىسۇن.
پۈتۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى، ئۇلار پاكلاندى. شۇڭا ئۇلار بارلىق سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۈچۈن، روھانىي قېرىنداشلىرى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلىنى بوغۇزلىدى.
پادىشاھ پۈتۈن خەلققە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: _ مۇشۇ ئەھدىنامىدا يېزىلغىنىدەك پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار، _ دېدى.
شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللارنى يىغىپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، خەلق ئالدىدىن ئۆتكىن. نىل دەرياسىغا ئۇرغان تايىقىڭنى قولۇڭغا ئېلىۋالغىن.
قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېگەن ۋاقتىدا، خۇددى سەپەرگە تەييارلانغاندەك بەللىرىنى چىڭ باغلاپ، چورۇقلىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا ھاسىلىرىنى تۇتۇشۇپ تېز يېسۇن. بۇ كېچە مەن پەرۋەردىگارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزىدىغان كېچە بولىدۇ.
سەن بېرىپ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا: «ياھۋەھ، يەنى ئەجدادلىرىمىز بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا كۆرۈندى» دېگىن ۋە ئۇلارغا بۇ سۆزۈمنى يەتكۈزگىن: «مەن مىسىرلىقلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا «ئۆتۈپ كېتىش» كېچىسىنىڭ تامىقىنى تەييارلاش ۋە بوغۇزلانغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى جان ئالغۇچى پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.
قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار، پەقەت پېتىر نان يەڭلار.