Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 12:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ ھازىردىن باشلاپ، بۇ ئاي ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى بولسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 12:2
14 Referans Kwoze  

سىلەر زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىنىڭ بىر كۈنى مىسىردىن يولغا چىققانىدىڭلار.


_ ئابىب ئېيىدا، يەنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى ئاشۇ ئاينىڭ بىر كېچىسى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.


ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يەڭلار. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈلسۇن. سىلەر مۇشۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار.


«1-ئاينىڭ 14-كۈنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى خاتىرىلەڭلار.


«1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


ئاخاشۋېروشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى 1-ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر كۈننىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ھاموننىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئالدىدا «پۇر»، يەنى چەك تاشلىدى. چەك 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 12-كۈنىگە چىقتى. بۇ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى.


پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:


سىلەر تۆۋەندىكىلەرنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تاپىلاڭلار. مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەن خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بىر قوچقار ياكى تېكە تەييارلىسۇن.


ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ 21-كۈنى كەچقۇرۇنغىچە پېتىر نان يەڭلار.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن بىر تۇياق بېجىرىم بۇقىنى قۇربانلىق قىلىڭلار.


مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىردىن چىقىپ ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى تىكتى.


1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. ھېيت كۈنلىرى پېتىر نان يەڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite