Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 12:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغانلىكى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن كىشى مەيلى ئىسرائىل ياكى يات خەلق بولسۇن، ئىسرائىل خەلقى قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 12:19
13 Referans Kwoze  

يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


قۇربانلىق گۆشنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن يېمەڭلار. يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يەڭلار. سىلەر ئەينى چاغدا مىسىردىن تېز چىقىپ كەتكەنىدىڭلار. شۇڭا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا پېتىر نان يېسەڭلار، مىسىردىن چىققان ئاشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەپ تۇرىسىلەر.


ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يەڭلار. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈلسۇن. سىلەر مۇشۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار.


ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى.


پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.


ئەگەر ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئەرلەرنى خەتنە قىلدۇرسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارمۇ ئىسرائىللارغا ئوخشاش بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. لېكىن خەتنە قىلىنمىغانلار قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى يېمىسۇن.


پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: _ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق گۆشىنى يات خەلقلەر يېمىسۇن.


قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار، پەقەت پېتىر نان يەڭلار.


مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.


بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يەڭلار. ئۆيۈڭلاردا، ھەتتا سىلەرگە تەۋە زېمىن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن.


«1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


كىمدەكىم بۇ ياغنىڭ ئوخشايدىغىنىنى ياسىسا ۋە روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite