18 ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ 21-كۈنى كەچقۇرۇنغىچە پېتىر نان يەڭلار.
يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىشىپ: - ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ - دەپ سورىدى.
شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.