Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 12:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 پەقەت پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنى سىلەر ھېيت ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇشۇ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىمەن. پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش سىلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 12:17
12 Referans Kwoze  

ھېيت كۈنلىرى پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇ ھېيتنىڭ سىلەرنىڭ مىسىردىن ئايرىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتكەن پۈتۈن مۆجىزىلىرىنى ئەسلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭلارنى چۈشەندۈرۈڭلار.


مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.


دەل 430 يىل توشقان كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى مىسىردىن چىقتى.


مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جازالاپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


لېكىن بىز پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدۇق. ئۇ نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر بىز كادېشتا، سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگراسىدا تۇرۇۋاتىمىز.


دەل يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھارۇن بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.


پۈتۈن ئىسرائىل ئائىلىلىرى تاللىغان ماللىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ياخشى بېقىپ، شۇ كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا بوغۇزلىسۇن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.


سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار بۇ قائىدىگە مەڭگۈ ئەمەل قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.


شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مەن بەلگىلىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار.


پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.


قۇربانلىق گۆشنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن يېمەڭلار. يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يەڭلار. سىلەر ئەينى چاغدا مىسىردىن تېز چىقىپ كەتكەنىدىڭلار. شۇڭا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا پېتىر نان يېسەڭلار، مىسىردىن چىققان ئاشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەپ تۇرىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite