Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 12:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 12:15
28 Referans Kwoze  

قۇربانلىق گۆشنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن يېمەڭلار. يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يەڭلار. سىلەر ئەينى چاغدا مىسىردىن تېز چىقىپ كەتكەنىدىڭلار. شۇڭا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا پېتىر نان يېسەڭلار، مىسىردىن چىققان ئاشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەپ تۇرىسىلەر.


خەتنە قىلىنمىغان ئەر خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇنداق كىشى ئەھدىنى بۇزغان بولىدۇ.


ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى.


پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرلىرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈڭلار، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلدىڭلار.


ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يەڭلار. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈلسۇن. سىلەر مۇشۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار.


كېيىنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەقەت پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا بېغىشلاپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. ئۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار.


15-كۈنىدىن باشلاپ پېتىر نان ھېيتى باشلىنىدۇ. سىلەر مۇشۇ كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار.


ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىرگە ئاتىماڭلار. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا قېلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ساقلىماڭلار.


شۇ كېچىسى گۆشنى ئوتتا پىشۇرۇپ، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات ۋە پېتىر نان بىلەن يېسۇن.


سىلەرنى قۇتراتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن!


ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن يەھۇدىيلارنىڭ رازى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسنى تۇتقۇن قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ۋەقە پېتىر نان ھېيتى مەزگىلىدە يۈز بەردى.


مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ: - سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.


شاگىرتلار شۇندىلا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختا تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.


ئۇلار كىم بولۇشىدىن ھەم قانداق ھەدىيە سۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىدىن يوقاتقاي.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان خالىغان بىر يۇرتتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنى قىلساڭلار بولمايدۇ.


چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ قان يېيىشىنى چەكلىدىم، چۈنكى جان قاندىدۇر. قان يېگەن ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.


سىلەر دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، چۈنكى بۇ مۇقەددەس كۈندۇر. كىمدەكىم بۇ كۈنگە ھۆرمەت قىلماي، ئادەتتىكى كۈندىكىدەك ئىشلىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.


ھېيت تۈگىگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى، ھەزرىتى ئەيسا بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. بۇ ئىشتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى،


كىمدەكىم بۇ ياغنىڭ ئوخشايدىغىنىنى ياسىسا ۋە روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


يېرۇسالېمغا يىغىلغان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدى. روھانىي ۋە لاۋىيلار ياڭراق سازلارنى چېلىپ، ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى.


ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.


مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.


ئۆزلىرى ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىسرىققا ئوخشىتىپ ئىسرىق ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite