Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 12:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەپ قويۇلغان قان سىلەر تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ بەلگىسىدۇر. مەن بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە، ئۆيلىرىڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن. مىسىرلىقلارنى جازالىغان ۋاقتىمدا، سىلەرگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 12:13
10 Referans Kwoze  

ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا «ئۆتۈپ كېتىش» كېچىسىنىڭ تامىقىنى تەييارلاش ۋە بوغۇزلانغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى جان ئالغۇچى پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.


چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بۇ زېمىننى كېزىدۇ. پەرۋەردىگار ئىشىك بېشى ۋە كېشەكتىكى قاننى كۆرگىنىدە، ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ، سىلەرنى ھالاك قىلىشىغا يول قويمايدۇ.


شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


ھازىردىن باشلاپ، سىلەر بارلىق ئوغۇل بوۋاقلىرىڭلارنىڭ، مەيلى ئۆيۈڭلاردىكى قۇللار تۇغقان ياكى باشقا ئەللەردىن سېتىۋالغان قۇلۇڭلار تۇغقان ئوغۇل بوۋاقلار بولسۇن، ئۇلار تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىڭلار. خەتنە قىلىش ئارىمىزدا تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسىدۇر.


ئۇلار يەنە بىزگە سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتتى. بىزلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزغۇچى دەل ئەيسا مەسىھتۇر.


مەن سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلدىم. شۇڭا ھازىر سىلەر مېنىڭ جەمەتىمگە چېقىلماسلىققا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم بەرسەڭلار. مېنىڭ ئاتا-ئانام، ئاكا-ئۇكىلىرىم، ئاچا-سىڭىللىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىشقا كاپالەت بەرسەڭلار.


قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېگەن ۋاقتىدا، خۇددى سەپەرگە تەييارلانغاندەك بەللىرىنى چىڭ باغلاپ، چورۇقلىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا ھاسىلىرىنى تۇتۇشۇپ تېز يېسۇن. بۇ كېچە مەن پەرۋەردىگارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزىدىغان كېچە بولىدۇ.


ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ، يېرۇسالېمنى ئايلىنىپ، شەھەردە بولۇۋاتقان يىرگىنچلىك ئىشلارغا ئېچىنىپ، پەرياد قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پېشانىسىگە بەلگە سېلىپ قوي.»


ئاندىن قۇربانلىقنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىقنىڭ گۆشنى يېگەن ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن.


بىز بۇ يەرگە قايتا كەلگەندە، سەن چوقۇم بۇ قىزىل ئارغامچىنى بىزنى چۈشۈرۈپ قويغان دېرىزىگە باغلاپ قويغىن. سەن ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىڭنى ئۆز ئۆيۈڭگە جەم قىلغىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite