Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 11:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئاخىردا ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئېگىلىدۇ ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن. مۇسا سۆزىنى تۈگىتىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن دەرغەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 11:8
18 Referans Kwoze  

شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ جاۋابىدىن نىبۇكادنەزەرنىڭ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى.


روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.


قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.


مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.»


شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»


ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى بىرگە يولغا چىقتى. لېكىن ئۇلار يەتتە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، قوشۇنلىرى ۋە ئات-ئۇلاغلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى قالمىدى.


بەنھاداد ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىغاي، _ دېدى.


ئۇلار سۇككوت شەھىرىگە كەلگەندە، گىدئون شەھەردىكىلەرگە: _ ئادەملىرىمگە نان بەرسەڭلار، ئۇلار بەك چارچاپ كەتتى. بىز يەنە مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قوغلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، _ دېدى.


باراق زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىنى قەدەش شەھىرىگە چاقىرىپ، ئۇلاردىن 10 مىڭ كىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. دىبورامۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدى.


ئۇلار ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ. كېسەللىك ۋە ۋابا ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، زەھەرلىك يىلانلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن.


دۇنيادىكى ئەللەر: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا نېمىشقا بۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا شۇنچە ئاچچىقلانغاندۇ؟» دەپ سورىسا،


(مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.)


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ مىسىردىن ئايرىلدى. چۈنكى، ئۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خۇدانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي، ئۆز يولىغا مېڭىۋەردى.


مۇسا ئۇنىڭغا: _ ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن. مەنمۇ سىزگە كۆرۈنمەيمەن، _ دېدى.


مەن ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite