6 شۇ چاغدا پۈتۈن مىسىردا ئەلمىساقتىن بولمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدىغان قاتتىق يىغا-زار بولىدۇ.
ئۇ كېچە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى.
پۈتكۈل ئۈزۈمزارلىقلار يىغا-زارغا تولىدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىڭلاردىن ئۆتىمەن، سىلەرنى جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە، ئۆزۈڭلارنى بولسا سىرتقا قوغلىۋېتىلگەن ھالدا كۆرگىنىڭلاردا، ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىڭلارنى غۇچۇرلىتىسىلەر.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنى سىلەر ‹بېلىق دەرۋازىسى›دىن يىغا ئاۋازىنى، شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر.
قىلساممۇ گەر يىغلاپ نىدا، قۇلاق سالماس دۇئايىمغا.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى، چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.»
پۈتكۈل موئاب زېمىنىدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نالە-زارى ئەگلايىم شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ داد-پەريادى بەئەر-ئېلىم شەھىرىگىچە ئاڭلىنىدۇ.
كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا، ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.
لېكىن ئىسرائىللارغا ياكى ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ھەتتا ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ» دەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
شۇڭا ئەتە مۇشۇ چاغدا قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇرىمەن، مىسىر تارىخىدا ھېچقاچان بۇنداق مۆلدۈر يىغىپ باقمىغاندۇر.
ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ قىلىقى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدە قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىدۇ.