Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 11:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار: «بۈگۈن تۈن يېرىمىدا، مەن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىمەن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 11:4
12 Referans Kwoze  

شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەرۋەردىگار تەختتە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالدى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللارنىمۇ ئۆلتۈردى.


مەن ئىلگىرى مىسىرلىقلارنى مۇپتىلا قىلغان ۋاباغا سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلدىم. باھادىر يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچتا ئۆلتۈردۈم. ئاتلىرىڭلار تارتىۋېلىندى. بارگاھلىرىڭلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن تولدۇردۇم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟ بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ.


ئۇلار توساتتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، تۈن يېرىمىدا بىر سىلكىنىپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ ئىنساننىڭ ياردىمىسىز يوق قىلىنىدۇ.


بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


يېرىم كېچىدە: «يىگىت كەلدى، ئالدىغا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.


مەن پەرۋەردىگار يول ئېچىپ، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن. سىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، يېڭىباشتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولغان مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول باشلايمەن، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن.»


پۈتكۈل ئۈزۈمزارلىقلار يىغا-زارغا تولىدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىڭلاردىن ئۆتىمەن، سىلەرنى جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك، ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.


سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھەرىكەت قىل. چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولىمەن، _ دېدى.


چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بۇ زېمىننى كېزىدۇ. پەرۋەردىگار ئىشىك بېشى ۋە كېشەكتىكى قاننى كۆرگىنىدە، ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ، سىلەرنى ھالاك قىلىشىغا يول قويمايدۇ.


يۈسۈپ نەسلىنى مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا، بۇنى ئىسرائىللارغا قانۇن قىلىپ بېكىتكەندۇر. مەن ناتونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن بىكار قىلدىم، قوللىرىنى سېۋەتتىن ئازاد قىلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite