Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 11:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پەرۋەردىگار پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويمىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 11:10
17 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئېسىگە سېلىپ يەنە مۇنداق دېدى: _ مىسىرغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا مەن سېنى كۆرسىتىشكە قادىر قىلغان ھەر خىل مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنى جاھىللاشتۇرىمەن، ئۇ خەلقىڭنى قويۇپ بەرمەيدۇ.


پەرۋەردىگار پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرغاچقا، ئۇ ئىسرائىللارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى.


لېكىن پىرئەۋن ئىسرائىللارنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى يەنىلا جاھىللاشتۇرغانىدى.


خۇدادا ئەنە شۇنداق ھوقۇق يوقمۇ؟! خۇدا گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ئەسلى ئۆز غەزىپىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇ بۇ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغانلارغا غەزىپىنى كۆرسەتمەي، بەلكى سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلدى.


خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.


سىلەرنىڭ پىرئەۋندەك ۋە مىسىرلىقلاردەك جاھىللىق قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇندىلا ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغان ئەمەسمىدى؟


لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى.


دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى جاھىللاشتۇرىدۇ.


لېكىن مەن پىرئەۋننى جاھىللاشتۇرىمەن، شۇڭا ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىردا مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن.


شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن جاھىللاشتۇرۇلغان پىرئەۋن خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.


پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:


پەرۋەردىگار بۇ پادىشاھلارنى جاھىل قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەھىم قىلماي تەلتۆكۈس يوقاتتى.


ئى پەرۋەردىگار، سەن نېمىشقا بىزنىڭ يولۇڭدىن ئېزىشىمىزغا يول قويىسەن، قەلبىمىزنى تاش قىلىپ، ساڭا ھۆرمەت قىلمىسۇن دەمسەن؟ ئۆتۈنەي، خىزمەتكارلىرىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان خەلقىڭ ئۈچۈن يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەيسەن.


ماڭا مەلۇمكى، مىسىر پادىشاھىنى قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن مەجبۇر قىلمىغۇچە، ئۇ سىلەرگە ئىجازەت بەرمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite